ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەقۋا ھەققىدە سوراق
بىر ئادەم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: تەقۋا دېگەن نېمە؟ دەپ سورىدى. ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇنىڭغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى: سەن تىكەن باسقان يولدا ماڭدىڭمۇ؟ ئادەم: ھەئە، ماڭدىم، دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە: ئۇنداقتا قانداق ماڭدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئادەم: تىكەننى كۆردۈم، ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىم، ياكى ئۇنىڭدىن ئاتلىدىم، ياكى ئۇنىڭدىن ساقلاندىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: تەقۋا دەل مۇشۇنداق، دېدى.