مەسجىدى نەبەۋى ھەقسىز ھەر خىل تىلدىكى قۇرئانلارنى تەمىنلەيدۇ، ئېلىش ئورۇنلىرىنى خاتىرىلەڭ!
مەسجىدى نەبەۋى ئۆمرە ۋە ھەج زىيارىتىچىلىرى ئۈچۈن ھەر خىل تىللاردا ھەقسىز قۇرئان تارقىتىش ئىمكانىيىتىنى تەمىنلەيدۇ. جەمئىي 155 مىڭدىن ئارتۇق نۇسخىدىكى مۇسھەف بار. بۇ پروگرامما دۇنيا دەۋەت ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئانا تىللىرىدا قۇرئانغا بولغان ئېرىشىشىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىدۇ.
زىيارەتچىلەر مۇسھەفلەرنى ئاسان ھەم ھەقسىز ئالالايدۇ، تەقسىملەش پونكىتىدىكى خادىملارغا مۇراجىئەت قىلىپ، تىلى ياكى دۆلىتىنى ئېيتىشى كېرەك. تىزىملىتىش ھاجەتسىز.
تەقسىملەش پونكىتلىرى بىر قانچە دەرۋازىدا، مەسىلەن 301-، 316-، 325-، 328-، 335-، 336- ۋە 364-دەرۋازىلاردا. خىزمەت جامائەت نامىزىدىن كېيىن باشلىنىدۇ، شۇڭا زىيارەتچىلەر مەسجىدتىن چىقىۋاتقاندا ئالالايدۇ.
بۇ پروگرامما پەقەت ئەسلىمە سوۋغات بولۇپ قالماي، شۇنداقلا زىيارەتچىلەر مۇقەددەس زېمىندىن قايتقاندىن كېيىن ئۆز دۆلەتلىرىدە قۇرئان ئۆگىنىش ۋە دەۋەتكە ياردەم قىلىدۇ.
https://mozaik.inilah.com/haji