دۇباي رەسمىي 'ئۆي ئايالى' دېگەن تېرمىننى 'ئەۋلاد شەكىللەندۈرگۈچى'گە ئۆزگەتتى
دۇباي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھۆججەتلەر ۋە مەمۇرىي ئىشلاردا 'housewife' (ئۆي ئايالى) دېگەن تېرمىننى 'Generation Shaper' ياكى 'ئەۋلاد شەكىللەندۈرگۈچى' قىلىپ ئۆزگەرتتى. بۇ سىياسەت دۇباي ۋەلىئەھدى شەيخ ھەمدان بىن مۇھەممەد بىن راشىد ئال مەكتۇم نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئانىلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خاراكتېرى ۋە سۈپىتىنى قۇرۇشتا ئوينايدىغان ئىستراتېگىيەلىك رولىنى تونۇشنىڭ بىر شەكلى.
بۇ ئاتالغۇ ئۆزگىرىشى ئۆي ئىشلىرى ۋە بالا تەربىيەلەشنىڭ مىللەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى دېگەن ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەت ئانىلارنى پەقەت ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى دەپ قارىماستىن، بەلكى بالىلارغا كىچىكىدىن ئەخلاقىي قىممەت، ھېسسىي ئەقىل ۋە رەھبەرلىكنى سىڭدۈرۈدىغان تۇنجى تەربىيەچى دەپ قارايدىغانلىقىنى كۈچەيتمەكچى.
ئىسلام نۇقتىئىنەزەرىدىن، ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن تۇنجى مەدرىسە بولۇپ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە. بۇ سىياسەت مىللەت قۇرۇلۇشى ئانىلارنىڭ رولىغا ھۆرمەت ۋە قوللاش ئارقىلىق ئائىلىنى كۈچەيتىشتىن باشلىنىدۇ دېگەن تەلىماتقا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ تەدبىر ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى تۆھپىسى توغرىسىدىكى دۇنياۋى كۆز قاراشلارنى ئۆزگەرتىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.
https://mozaik.inilah.com/news