ھەقىقىي مۆمىن.. ھەر بىر ئايەتكە ۋە ھەر بىر ئەمەرگە خۇشاللىق بىلەن ئىمان ئېيتىدۇ
اﷲ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا ئۆز كىتابىدا دېگەن: (ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلمىدە چوڭقۇر بولغانلار ۋە مۆمىنلەر، ساڭا نازىل قىلىنغانلارغا ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغانلارغا ئىمان ئېيتىدۇ. ئۇلار نامازنى ئادا قىلغۇچىلار، زاكات بەرگۈچىلەر، اﷲقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلاردۇر، ئۇلارغا بىز چوڭ ئەجر بېرىمىز). [نەسا سۈرىسى، 162-ئايەت] ھەقىقىي مۆمىن دىگەن، قەلبى بىلەن ھەر بىر ئايەتكە ئىمان ئېيتقان، شەك-شۈبھىسىز، خۇشاللىق بىلەن اﷲنىڭ ھەر بىر ئەمرىنى قوبۇل قىلغان كىشىدۇر. ھەقىقىي ئىمان پەقەت تىل بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قەلب ۋە ئەمەل بىلەندۇر. نامازنى توغرا ئوقۇغان، زاكاتنى بەرگەن، اﷲقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلار، ئەنە شۇلار اﷲنىڭ ئىزنى بىلەن چوڭ ئەجرغا ئېرىشىدۇ. ئىلاھىم، بىزنى شۇلاردىن قىلغىن.