پەيغەمبەر ﷺ سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەس-سەقەفىغا بەرگەن نەسىھەت
سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەس-سەقەفى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دەيدۇ: مەن: "ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا چىڭ ئېسىلىۋالالايدىغان بىر نەرسىنى ئېيتىپ بەرگىن" دېدىم. ئۇ ﷺ: "رەببىم ئاللاھ دەپ ئېيتقىن، ئاندىن توغرا يولدا بولغىن" دېدى. مەن يەنە: "ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇق نېمە؟" دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ﷺ ئۆز تىلىنى تۇتۇپ: "بۇ" دېدى. [تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە ئۇنى ھەسەن سەھىھ دەپ باھالىغان]