تايلاندتا سەككىز دىنىي زات ماشىنا ئۇرۇپ قازا تاپتى، شوپۇر 11 ياشلىق بالا
تاي شەرقىي شىمالىدىكى مۇكداخان ئۆلكىسىدە، پەيشەنبە (2/7) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، بىر يۈك ماشىنىسى دىنىي زاتلارنى ئۇرۇپ، سەككىز كىشى قازا تاپتى. ماشىنىنى ئاتىسىنىڭ ئاپتۇمۇبىلىنى رۇخسەتسىز ئالغان 11 ياشلىق بالا ھەيدىگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندە، 34 دىنىي زاتتىن تەركىب تاپقان گۇرۇھ مۇكداخاندىن ئۇبون راچاتھانىغا قاراپ زىيارەت مەقسىتىدە يول بويىدا پىيادە كېتىۋاتقان ئىدى. بەش دىنىي زات نەق مەيداندا قازا تاپتى، ئۈچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىش جەريانىدا ۋاپات بولدى. يەتتە دىنىي زات ئېغىر، 20 دىنىي زات يېنىك يارىلاندى.
ۋەقە يۈز بەرگەن يەردىكى ساقچىلار دەرھال دوختۇرخانا ۋە قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قازا تاپقان ۋە يارىلانغانلارغا ياردەم بەردى. بۇ ۋەقەگە ئائىت تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ.
https://kabarbaik.co/tragis-8-